mandag, juni 15, 2009

بىز نىمىلەرنى يۇقۇتۇپ ، نىمىلەرنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز؟

1 -دىننى -ئىمانىمىزنى يۇقۇتۇپ ،دىنسىزلىق ،ئىمانسىزلىق ،دىنىمىزغا بولغان قارشىلىقنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز .

2-ئۆرۇپ -ئادەتلىرىمىزنى يۇقۇتۇپ ،كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان غەزەپ -نەپىرىتىنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز .

3-مىلىتمىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان 2 مۇقامغا ئوخشاش مىللى مۇزىكىلىرىنى يۇقۇتۇپ ،غەرپنىڭ ئەبجەش تولغىما ئۇسۇل - مۇزىكىلىرىنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز . 4-بىز ئاتا -ئانىمىزنىڭ بىزگە بولغان ئارزۇ -ئارمان ،گۇزەل -ئىستەكلىرىنى يۇقۇتۇپ ،قايغۇرۇش ،ئازاپ چىكىش،پۇشايماندا قېلىشنىڭ سەۋەپلىرىنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز . 5-بىز ئۈزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنى يۇقۇتۇپ ، چەتنىڭ مەنىسى يوق ،دىنىمىز ، مىلىتىمىز، چەكلەيدىغان بايراملىرىنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز .  6-ئۆملۇك ، بىرلىكىمىزنى يۇقۇتۇپ ، چېچىلاڭغۇلۇق ،ئايرىمىچىلىقنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز . 7-ئۆز -ئارا كۇيۇنۇش ، ياردەمدە بۇلۇش ،قوللاش،مىھىر -ۋاپا يەتكۇزۇشكە ئوخشاش ئىسىل ئەخلاق -پەزىلەتلىرىمىزنى يۇقۇتۇپ ،بۇنىڭ دەل ئەكسچە بولغان بىر - بىرىگە ئورا كولاش ، كۇرەلمەسلىك ،سەخسىيەتچىلىك ،بۇنىڭدىنمۇ جىق سەلبى ئىشلارنى قۇبۇل قىلۋاتىمىز . 8-تۇنۇگۇنكى ئاتا -بۇۋىلىرىمىزنىڭ بۇگۇنىمىزنى قانداق يارتىپ بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ ،ئەتىمىزنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى يۇقۇتىۋاتىمىز . 9-ئۈزمىزنىڭ ئانا -تىل يېزىقىمىزنى يۇقۇتۇپ ،ئۇزمىزنىڭ ئانا -تىلمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يۇقۇتىۋاتىمىز . \ 10-بىلىم ئېلىش ،ئالغا ئىلگىرلەش،پۇرسىتىمىزنى يۇقۇتۇپ ، چۇشكۇنلۇك ، جىنايەتنىڭ مەنبەسىى قۇبۇل قىلۋاتىمىز .

1 kommentar:

  1. hetlerni mening kompeyoturomda peqetla okugili bolmidi.kandak kilimen?

    SvarSlett