mandag, mai 04, 2009

پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا.


ھەممىمىزگە مەلۇم ھەر قانداق بىر ئىنسان چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ ۋە نۇرغۇن ئىشلارغا سەل قارايدۇ.
بىز ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئۇختۇرۇش چىقارغان ئىدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلىرىمىز كۆرۈپتۇ ۋە نۇرغۇنلىغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇق، ھەر قايسىڭلارنىڭ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ بۇ مۇسابىقىنى قوللاپ بەرگىنىڭلارغا چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۇرىمىز.
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك بۇ ئەسلى شىۋىتسىيە بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقىنىڭ مەخسىتى پەقەت ۋە پەقەت شۇ ياشلارنى ئۆز ئارا ئارلىشىپ ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ئىناق ئىتتىپاق ئۆم ياشاشقا مەدەتلەندۈرۈشنى يەنى ياشلارنى بىر يەرگە يېغىشنى مەخسەت قالغان ئىدى. ئەمما ھەر قايسىڭلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللاپ كۇۋەتلىشلەرنىڭ نەتىجىسى ئارقىسىدا بۇ مۇسابىقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرەپ ئۆر ئارا بىر بىرىنى ھاقارەتلەيدىغان بىر بىرىدىن ئۆچ ئالىدىغان بىر ئش بۇلۇپ قالدى. بۇ مۇسانىقىنىڭ ئەسلى مەخسىتى ئەمەس ئىدى. تەشكىلاتنىڭ ياخشى نىيىتى ئەكسىچە تەسىر بەردى.. ھەتتا بۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ مۇسابىقىنى قوللىماپسىلەر لېكىن قوللاش قوللىماسلىق بۇمۇ سىلەرنىڭ مۇشۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلگىلىڭلانىڭ ئىپادىسىدۇر. رەخمەت سىلەرگە، ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ ئۇنتۇپ قالماڭلاركى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلدىغىنى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بىزنىڭ كۆڭۈل بۈلدىغان ئىشىمىز تېخى ئالدىمىزدا، نى نى چوڭ ئىشلار يەنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقىدەك مۇھىم بىر ھەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. بۇ بىر كىچىككىنە مۇسابىقىنى دەپ ئۆر ئارا كۆرەلمەيدىغان شۇ قالاق مىجەزىمىزنى ئەمدى ئۆرگەرتسەك.
ئاخىرىدا شۇنىمۇ دەپ قويۇشنى زورۇر دەپ ئويلايمىز، مۇسابىقە ياشلارنىڭ جەسۇرانە تىتىك خوشال خورام ئوينىشى ھەم ياشلار ئوتتۇرسىدا ئەنە شۇ مۇھىم بولغان دوستلىق كۆۋرىكى ئورۇنتىش بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلۈپ بەزەنلەرنىڭ كۆڭلى رەنجىگەن خاپا بولغان يەرلىرى بولسا تەشكىلات نامىدىن ئەپۇ سورايمىز ھەم قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىڭلارغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمىز.

2 kommentarer:

  1. Rastinla toghra eytingiz. barikala biz yaxlar bu mijezn yokutup bir birimizbilen inak otsekla hemmenerse jezmen ozgireydu dep oylaymen. bizni kolliganlar bar ve her zaman bolidu likin heme nerse bizning tirixkanligimiz bilen bolidu. men siz yazgan nersilerge koxulimen togra didiniz.

    SvarSlett
  2. axundah gaywat kilip hasat kilip ,birbirsini yaratmaydiganlar ni etiwitix kirak...xundah adamlar kalmigan da watinimiz azat bolidu alla halisa...

    SvarSlett