mandag, september 07, 2009

ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﮪﻪﻧﺒﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ




( ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﮪﻪﻧﺒﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﮪﻮﺯﯗﺭﯗﯕﻠﺎﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ.)
ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﺎﮪﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﮪﻪﻧﺒﺎﻝ ( ﻣﯩﻠﺎﺩﻯ 780- 855) ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯘ ﺋﻮﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭘﯩﺸﯟﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ

ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﺎﮪﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﮪﻪﻧﺒﻪﻝ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯞ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ( ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﺎﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯞ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻛﻰ ﺋﯩﻴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ،) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻧﯘ ﺷﻪﻳﺒﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﻐﺎ ﻛﻮﭼﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮪﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﮪﻪﻧﻪﻓﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﮪﻪﻡ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﺎﺑﯘ ﻳﯘﺳﯘﭘﺘﯩﻦ ﻓﯩﻖ( ﺩﯨﻨﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﻪ) ﺋﯘﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺋﯘﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﺑﯘ ﻳﯘﺳﯘﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، 15 ﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﺎﭖ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺟﻪﯞﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻠﺎﮪﻨﯩﯔ 414 ﮪﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻠﺎﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺷﺎﻓﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺋﻮﻣﺮﯨﺪﻩ 40ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮪﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻠﺎ ﻣﯘﻓﺘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ 77 ﻳﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻛﯩﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﮪﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ 241-ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻩﺑﯩﻴﯘﻝ ﺋﻪﯞﯞﻩﻝ ﺋﯩﻴﯩﺪﺍ ( ﻣﯩﻠﺎﺩﻯ 855-ﻳﯩﻠﻰ 31.ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺟﯘﻣﻪ ﻛﯘﻧﯩﺪﻩ) ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ 800ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﻩ 60ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﺋﯘ 10 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺋﯘﻣﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﻤﻪﺱ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ
ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﮪﻪﻧﺒﻪﻝ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺋﯘﻣﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﻤﻪﺱ ﺗﻮﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﺎﻏﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﭽﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ، ﺋﺎﻣﯩﻦ.

Ingen kommentarer:

Legg inn en kommentar