2009-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدە -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئىنساپ قىلىش لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
بىز دۇنيانىڭ مۇدھىش تەرەققىياتى، ماددىي مەنپەئەتلەر دولقۇنى، شەخسىيەتچىلىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە رىقابەت ئېڭى چېكىدىن ئاشقان بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. ئىنسانلار شەخسى مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتقان بىر زامان بولۇپ، كىشىلەر مېھرىبانلىق ئورنىغا غەزەپلىنىش، رازىمەنلىك ئورنىغا ئاچچىقلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئورنىغا نەپسىگە چوغ تارتىش، بىر كىشىلىك شەخسى مەنپەئەتى بەدىلىگە شەرىئەت مەنپەئەتلىرىنى ئوتقا تاشلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەكتە. بۇنداق بىر جەمئىيەت تەبىئىي ھالدا ئۆزىدىكى يۈكسەك ئەخلاقنى يوقىتىپ، كىشىلەر ئارىسىدا كەچۈرۈمچانلىق، ئەدلى-ئادالەت، باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش تۇيغۇلىرىنى يوقىتىدۇ. كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولسۇن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن، مەمۇرىي ئورگانلاردا بولسۇن، تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىدا بولسۇن ئىنساپ ۋە ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى كېرەك.
Ingen kommentarer:
Legg inn en kommentar