tirsdag, oktober 27, 2009

E-MAIL

hotmail دىن E-mail قوللانغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە!

ئىنتېرنېت ھايكىرلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۆتكەن ھەپتە 10 مىڭدىن ئارتۇق hotmail شىفىرلىرى تارقىتلدى.

پەن ‏- تېخنىكىغا ئالاقىدار تور بېتى ھېسابلانغان ShiftDelete.Net تور بېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، @hotmail, @live, @msn نامىدا ئى خەت ئادرىسى بولغانلار يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بىرى ئى خەت ساندۇقىنى ئاچالمىغان كىشىلەر شۇنى چۈشىنىش لازىمكى، ئۇ ئى خەت ساندۇقىغا باشقا بىرسى كىرگەنلىكنىڭ ئىسپاتى. بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە توپلام 10 مىڭدىن ئارتۇق ، @hotmail, @live, @msn تە ئى خەت قوللانغۇچىلارنىڭ شىفرىسى تارقىتىلدى.

بۇ شىفرىلەرنىڭ بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. pastebin.com تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۈر تېزىملىك ئا دىن باشلاپ ھەرىپ بويىچە ئېلان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ماكروفوست شېركىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

@hotmail, @live, @msn نامىدا ئى خەت ئادرىسى بولغانلار دەرھال شىفىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

www.maarip.org

--------------------------------------------------------------------------------

Ingen kommentarer:

Legg inn en kommentar