tirsdag, oktober 20, 2009

ئىسلامدا نامازنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، "نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە پەزىلىتى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەر ئۈچۈن ناھايتى كاتتا، ئېسىل، ياخشىلىقى داۋاملىشىدىغان، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان، قەلبىڭلارنى تازىلايدىغان، ئەخلاقىڭلارنى تۈزەيدىغان، رىزقىڭلارنىڭ كەڭرى بولىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان، دۇنيادىكى ھاياتلىقنى گۈللەندۈرىدىغان، جەننەتتىكى ئورنۇڭلارنى يۈكسەك قىلىدىغان، بۇ ئەمەلنى قىلىش ئارقىلىق سالىھلارنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغان، كۆزلىگەن ئارزۇيۇڭلاردىنمۇ يۇقىرى نەرسىگە ئېرىشىدىغان بىر نەرسە بار، بۇ كاتتا نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟!، ئۇ بولسىمۇ بارلىق پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىنغان نامازدۇر. ناماز ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىيىنكى ئەڭ يۇقىرى ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزى يولغا قۇيغان بارلىق ساماۋى دىنلاردا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان، ئاللاھ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كىشىلەردىن ناماز ئوقۇمىغانلارنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ھەر ئۈممەت. ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ.» ھەج سۈرىسى 34-35- ئايەتلەر.

داۋامى

Ingen kommentarer:

Legg inn en kommentar