ﺳﻮﺋﺎﻝ:
ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ "ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻕ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﺎﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﻤﯩﮕﯩﭽﻪ) ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺕ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ)" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩ ﺭﻩﺋﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯘﯕﻠﺎﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ؟.
ﺟﺎﯞﺍﺏ:
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻠﺎﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻐﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﺎﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻠﺎﮪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻖ-ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ،ﻏﻪﻡ-ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﮪﯧﻜﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯘﻧﺎﮪ-ﻣﻪﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻗﻪﮪﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ-ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ». ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮪﺘﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻣﯚﮪﻠﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻮﺷﺎﻝ-ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ». ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﭘﺎﻧﺎﮪ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺯﺍﻟﯩﻤﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﻰ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻨﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﮪﺸﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﭼﻪﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯗ»، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﮕﯩﭽﻪ ﻣﯚﮪﻠﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﺎﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻻ-ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮪ-ﻣﻪﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯨﻨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﻘﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻠﺎﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻧﯧﻤﻪﺕ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻠﺎﮪﺎﺗﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ». ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ؛ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﯞﻩﻟﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪﺕ، ﻛﻪﯕﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯧﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻧﯧﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮔﯘﻧﺎﮪ-ﻣﻪﺳﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯘﻓﺮﻯ-ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻐﺎ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺗﺎﺋﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﻪﯕﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﻪﺗﻜﻪ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ-ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮪﯚﻝ-ﻳﯧﻐﯩﻦ -ﻣﻮﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
Ingen kommentarer:
Legg inn en kommentar