ﺳﻮﺋﺎﻝ:
ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﮪﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﺍﻣﺰﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟.
ﺟﺎﯞﺍﭖ:
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻠﺎﺭ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻐﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯩﺴﻠﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﻰ ﺑﯩﺮ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺷﺎﮪﺎﺩﻩﺕ (ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ) ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮪﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﺍﻣﺰﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﺍﻣﺰﺍﻧﺪﯨﻠﺎ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﮪﻪ ! ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻣﺰﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﺎﻓﯩﺮ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ:« ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﺎﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮪﺪﻩ(ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ) ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯗﺭ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﺴﻪ ﻛﺎﻓﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ». ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮪﻤﻪﺩ(22428)، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ(2621)، ﻧﻪﺳﺎﺋﯩﻲ(431)، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ(1079) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻠﺎﺭ ﺑﯘﺭﻩﻳﺪﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻠﺎﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺴﻨﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ:« ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ، ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ». ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ(2616)، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ:« ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺮﯨﻚ، ﻛﺎﻓﯩﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ». ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ (82) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ. ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺳﺎﮪﺎﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪﺪﯨﻦ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ- ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻳﺌﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ 10-ﺗﻮﻡ 140-ﺑﻪﺕ . ﺗﯘﮔﯩﺪﻯ
asalam allakum
SvarSlettimam AHMAT toghurloq tonushturish biralamsiz??
man bilmaimankan ,rexmat sizge allah razi bolsum
!!!!!!!!!!!!!
barikalla, shundaq menbetler bilen yizilghan maqalilar hemmidin toghridur dep oylaymen. Hemme nerse eslide menbetler bilen yaki ispat bilen bolushi kerek. Allah hemmimizge iman ve toghra yolni ada qilar. amin.
SvarSlett