torsdag, april 30, 2009

سېيىت نوچى، خوجىنىياز ھاجى ۋە تۆمۈر خەلپىلەر ھەققىدە

ا تارىخنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىگى تەكرارلىنىشتۇر. بۇخىل تەكرارلىق شەرقىي تۈركىستاندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەينى- كەينىدىن روياپقا چىقتى. بۇ زاماندا ئۆتكەن، بىر-بىرىنىڭ تىراگىدىيەلىرىنى تەكرارلىغان تارىخي شەخىسلەردىن سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىملارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، تۆۋەندە بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى ھەققىدە ئىلىپ بېرىلغان بىر قىتىملىق ئىنتايىن مۇكەممەل سېلىشتۇرۇش نى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمەن. ا

بىرىنجى . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى خەلىقپەرۋەر، ئەلسۆيەر، خەلىقنىڭ ئاھۇ-زارىغا چىدىمايدىغان،مەرتلىكنى جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان زاتلار ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆز زامانىسىدا خەلىقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەكسىيەتچى، زالىم كۈچلەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ھەمدە، ئەركىنلىك-ھۆرلۈك، مۇستەققىللىق ئۈچۈن قوراللىق مۇجادىلەرنى ئىلىپ بارغان ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەلەمدە كامالەتكە يەتكەن،خەلىق تەرىپىدىن بىردەك نوچى،پالىۋان، داھى دەپ ئاتىلىپ،خەلىق ئۈمۈت باغلىغان كىشىلەر ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى بىلىكى چوڭ بىلىمى يوق، ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان، ئەمما تاكتىكا،نەيرەڭ بىلمەيدىغان نادان،بالىۋان داھىلار ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەمەل قۇربانلىرى ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئۆزلىرىنى كۆزدىن يوقۇتۇش پىلانىنى تۈزىۋاتقان ماتىتەي، ياڭزىڭشىڭ ۋە شىڭشىسەيدەك جاللاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆز ئايىغى بىلەن بىرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتپ بەرگەنلەر ئىدى. ا

اا ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنگەن، ئۆزىنىڭ نادانلىقىغا قاتتىق ئىچىنغان زاتلار ئىدى. ا

ئىككىنجى . ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقان سۆزلىرى

اا سىيت نوچىنىڭ ئىيتقان سۆزلىرى: اا

خوش، ئامان بول قەشقەرلىك

جانجىگەرلەر - تۇققانلا

ا

بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال

سۆز قەدرىنى ئۇققانلار

جامائەت جەم بولۇپسىز

مىنىڭدىن بولۇڭ رازى

مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز

بولغىنىدا خۇدا قازى

گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم

نادانلىق بالاسىدىن

كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان

زالىمنىڭ جازاسىدىن!!!ا

ئەي قەشقەرلىك، قەشقەرلىك

مىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار

مەندەك بولماي دىسەڭلار

ھەرگىز نادان بولماڭلار

نادانلىق ئېلىپ كەتت

يىگىتلىكتە باشىمنى

مىنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن

ھاشىمدەك ئاداشىمنى

خەتنى بىلمىگەن ئادەم

بىشىدا كىزەر ماتەم

خەت بىلمەس نادانلارغا

قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم

ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ

تەلىم ئالسۇن ياش باللار

قەلبىڭلاردا قېپقالسۇن

قىساسىڭلار - ئەنتىڭلار!!!!!!! ا

اا تۆمۈر خەلپىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئېيتقانلىرى اا

اا مەن پەقەت شامەخسۇت بىلەن ساڭا ئوخشاش ( ياڭزىڭشىڭ نى دىمەكچى ) بۆرە - تۈلكىلەرنى ئەزىز ۋەتىنىمدىن تازلاپ، پۇقرالارغا تەڭلىك، ئەركىنلىك ئىلىشقا ئاتلانغان ئوۋچىمەن. بۆرە - تۈلكىلەرنى ئېتىپ يوقىتىش ئوۋچىغا گۇناھ ئەمەس، ساۋاپ ! ئەمدى قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل !ا

......................

سىلەرگە قارشى قانلىق جەڭگە ئاتلانغان خەلىقنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، قۇرۇق ۋەدە - قەسىمىڭلارغا ئىشىنىپ، قورالنى سىلەرگە ياندۇرۇپ بەرگەن، ئالدىڭلارغا ئۆز ئايىغىم بىلەن كەلگەن مەندەك ھاماقەتكە بىر ئەمەس، مىڭ ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ. قېنى جاللاتنى چاپسانراق چاقىر، مىنىڭ ئىسسىق قېنىم ھىچ - بولمىسا، كىيىنكىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولۇپ قالار. ئەمما بىر تال تاشنى قومۇرىۋىتىش بىلەن بۇغدا تېغىنى غۇلىتىۋەتكىلى بولمىغانغا ئوخشاش، مىنى ئۆلتۈرىۋىتىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ. پۈتۈن بىر خەلىقنى قىرىپ تاشلاش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ ..... اا

اا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقانلىرى اا

اا كاتتىۋاش ھۆكۈمنامىنى ئوقۇپ بولۇپ، ( ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى ) ، دىگەندە ، قاقاقلاپ كۈلگەن خوجىنىياز ھاجىم : ماڭا كەلگەن بۇ ئۆلۈم مەن ئۇچۇن يىڭىلىق ئەمەس ، مەن ئالدىنىپ ئۈرۈئچىگە كەلگەن كۈنىلا ئۆلۈپ بولغان. ئېيتىپقوي ! شىڭدۇبەن دىگەن خۇمپەر لومودىغا ! مەن ئۆلگەن بىلەن خەلقىم ئۆلمەيدۇ ! ئىنقىلاپ تۈگىمەيدۇ ! ..... بۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى ئىدى . اا

پايدىلانغان ماتىرىياللار : سيىت نوچى داستانى ، ئىز رومانى 395 - بەت ، ئويغانغان زىمىن 2 - قىسىم

onsdag, april 29, 2009

ڧارابى 950 - 870


شەرق ئارىستوتىلى نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر ڧارابى پۈتكۈل ھاياتىنى، بارلىق زېھىن - قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن .ىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئىلىم - پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق دۈنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەقىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكىم غەرب دۈنياسىنىڭ ئىلىم پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن

mandag, april 27, 2009

ئاتوم سىناقلىرى

خىتايدا ھازىرغا قەدەر يۇشۇرۇپ كېلىۋاتكان ئاتوم تەجرىبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتەك ھەقاقەي بار.
شەرقى تۈركىستاننىڭ كرورەن ئەتراپىدا خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى 1964 يىلدىن بۇيان مەخپى ھاردا 46 قېتىم ئاتوم تەجرىبە سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ مەزگىل ئىچىدە ئەتراپتىكى ئائىلە ئولتۇراق رايونى ئېخىر بولغان سالامەتلىك زىيانكەشلىكىگە ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھازارغا قەدەر يۇشۇرۇپ كەلدى.

خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 750 مىڭ ئادەم بۇ تەجرىبىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. خىتايدا بۇرۇن 4 مىللىيون توننا كېلىدىغان يەنى سېۋەتتە ئېلىپ بارغان پارتىلىتىش كۈچىنىڭ 10 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىغان چوڭ كۈلەملىك ئاتوم تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ بۇنىڭ تەسىرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن شەرقى كيوتو دا ئېلىپ بارغان تەجرىبىنىڭ 136 ھەسسىسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ تەجرىبىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ تەسىرىدە 190 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى 1 مىليون 480 مىڭ ئادەمنىڭ شۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاق ھۆكىمىتى كۆپلىگەن ئاتوم تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا شۇ ئەتراپتىكى ئائىلە رايونىغا ئۇختارتماي، ئۇلارنى ھەرخىل قوغدىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تاكتىكلىرى بىلەن تەمىنلىمەي ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ تەجرىبىدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر مىللىتىدۇر. ئۇلار ئادەمنى ئاق چاشقاندەك تەجرىبە قىلىپ بۇ تىرىك ئادەملەرنى ئازراق بولسىمۇ نەزىرىگە ئېلىپ قويمىدى. سالامەتلىك تەكشۇرۇش ئەھۋالىغا قارىغاندا 60 يىللاردىن باشلاپ ئاتوم تەجرىبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ ئېغىز يېرىلىش، چوڭ مېڭە تەرەقى قىلمىغان بۇۋاقلار يەنە يامان خاراكتىرلىك لىنبا بەز ۋە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى. 70 يىللارغا كەلگەلدە بولسا ئەيدىش كېسىلى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ 90 يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىس بۇلۇش نىسپىتى %30 دىن يۇقۇرى بولدى. مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرلار بولسا يەنىلا شۇ تەجرىبىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆپكە راكى بولمىسا كاناي راك بولۇپ بىر بىرلەپ يىقىلۋاتىدۇ. شەرقى تۇركىستان بولسا خىتايدا نامى بار بولغان ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرى ماكانىدۇر. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەنە شۇ كەڭ كەتكەن سەھرالاردا ئەركىن نەپەس ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەتراپىدا ھېچقانداق سانائەت قۇرلۇش ئىزلىرى يوق ئىدى. ئەمدى بولغاندا نېمە ئۈچۈن بىر بىرلەپ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.؟

بىر قېتىملىق ئاتوم تەجرىبىسى بىلەن خىتاي ئورنىدىن تۇردى، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەمما بۇ مەۋەپلىك بىلەن نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز يېقىلدى. بىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاتوم تەجرىبە سىنىقى ئارقىلىق راك كېسەللىكلىرى ئەۋج ئالغان ئاشۇ ئاپەت رايونلىرى نېمە ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىرەر ئادەممۇ ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ھەقىقەتكە قانائەتلىك جاۋاپ بەرمەيدۇ؟

ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشەلىدى؟ شۇ ئېغىر ئازاپ ئوقۇبەتتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى...

Atomtester

Kinesiske myndigheter har lenge nektet å gjenkjenne en link mellom atomtester i LopNor, Øst-Turkistan (Xinjiang Uyghur autonom regionen) og sykdommer som de som lever nære testområdene.

Siden 1964 har Kina hemmelighetsfullt gjennomført mer enn 46 ganger atomtester, noe som har ført til store samfunnsmessige helseproblemer og som har drept ca. 750, 000 mennesker i følge Kinas klassifiserte dokumenter.
Disse testene viser seg å være 10 ganger så kraftig som testene i sovjetunionen, rundt 4 millioner tonn. Arealet som ble preget av dette er 136 ganger større enn Tokyo by.
Resultatet av at radioaktivt avfall har blitt sluppet ut i atmosfæren har ført til at 190,000 inbyggeres død og påvirket 1 480 000 uskyldige innbyggere, mennesker som bor i området i dag er fremdeles påvirket av dette.

Under disse testene har kinesiske myndigheter aldri informert folk som bor i områdene der det testes eller tilbudt noe som helst mulig beskyttelse. Offerene er stort sett Uyghurer, de bodde bare 100 km unna jordene der atomtestene ble utført.
Siden 60-tallet har folk som har spist forurenset mat utviklet hudsykdommer og rare sykdommer på organer, og at det ble født mange deformerte barn uten normale organer.
De har blitt behandlet som mus i laboratorier. Ikke bare har kinesiske myndigheter foraktet folk, men de har også forsømmet menneskeliv, og aldri prøvd å reparert skadene de har påført.
Alle folk med en viss høffelighet vil se ned på en slik behandling.
I følge evalueringen på helsestatusen fra 70-tallet, har tallet på krefttilfeller økt skarpt. Gjennomsnittet på krefttilfeller hos uyghurer var 30 % høyere enn hos andre i hele landet.
Mens våre folk dør av enten spiserør- eller lungekreft, har vi lurt på hvorfor. Plassen vi har levd på i århundrer, siden våre forfedre, en plass vel kjent som langlivethet har nylig blitt til en plass men store tall på krefttilfeller.
Innbyggerne har lenge klaget over helseproblemer, men det har aldri blitt rapportert eller besvart.
Atomvåpentester hat tatt millioner av uyghurers liv, og det at Kina med disse brutale handlingene, har stolt gått inn i ”atomklubben” har overasket mange i denne verden.
For hvilken grunn har vi ofret våre liv for dette monsteret?
Bringer dette et bedre miljø eller rikdom til vårt hjemland?
Det er et trist faktum at vi får ingen ting annet enn en verden med mye smerte.

ядерные испытания

Китайское правительство долго отказывалось официально признать связь между ядерными испытаниями в Лоп Норе, Восточный Туркестан (Синьцзян-Уйгурская автономная область) и болезни, сокрушающие жителей, живущих близко к участкам тестирования. С 1964 они тайно выполнили ядерные испытания более чем 46 раз, это вызвало серьезную проблему здравоохранения, было убито приблизительно 750 000 человек, согласно засекреченным документам Китая. Во время этих тестов они испытали взрывчатое вещество, эквивалент которого в 10 раз больше, чем в Советском Союзе, приблизительно 4 миллиона тонн. Затронутая радиационная область в 136 раз больше города Токио. В результате чего в атмосферу было выпущено большое количество радиоактивных материалов, что вызвало смерть 190 000 гражданских лиц, 1 480 000 невинных людей, проживающих вокруг, все еще переносят эффект, связанный с радиационными болезнями.
Проводя ядерные испытания, китайское правительство никогда не сообщало людям в тех областях и не предоставляло возможную защиту. Жертвы - главным образом уйгуры, в пределах 100 км от областей зоны ядерного испытания. С 60-ых годов люди, которые потребили в пищу загрязненные продукты, приобрели кожное заболевание и странную болезнь неизвестного происхождения, и очень много деформированных новорежденных детей без нормальных органов. Их рассматривали как мышей в лаборатории. Китайское правительство не только презирает людей, но также и игнорирует жизнь человека, и никогда не пыталось исправить перенесенный ущерб. Любые люди с чувством благопристойности снизятся до такого поведения. Согласно оценке о статусе здоровья, с 70-ых, уровень рака увеличился резко. Средний уровень рака у Уйгуров был на 30 % выше, чем у других в целой стране.
В то время как наши люди умирают от рака пищевода или рака легких, мы задаемся вопросом почему. На месте, где мы жили в течение многих столетий, начиная с наших предков, место, известное как долговечность, недавно стало областью полномасштабного распределения рака. Жители долго жаловались на проблемы со здоровьем, но это никогда не сообщалось и оставалось без ответа. Тесты ядерного оружия забрали миллионы жизней уйгурского народа, и, совершив это жестокое действие, Китай гордо вступил в "Ядерный Клуб", оставив мир в удивлении.

Для каких причин мы пожертвовали нашими жизнями этому Монстру?

Это приносит лучшую окружающую среду или богатство нашей родине?

Это - грустный факт, что мы получаем только мир, полный боли.

lørdag, april 25, 2009

Nuclear Tests

The Chinese government has long refused to recognize officially a link between Nuclear tests in Lop Nor, East Turkistan (Xinjiang-Uyghur autonomous region) and diseases afflicting residents who live close to the testing sites.


Since 1964,they had secretly carried out more than 46 nuclear tests ,this has caused a serious public health issue and has killed approx 750,000 people, according to China's classified documents.


During these tests, they the tested equivalent of 10 times more explosive power than in the Soviet Union, about 4 million tons. The affected radiation area is 136 times of Tokyo City,
This has resulted in large quantities of radioactive materials being released into the atmosphere, caused the acute death of 190,000 civilians and effected 1,480,000 innocent people. Surrounding residents are still suffering the effects of radiation-related ailments.


When processing nuclear tests, The Chinese government never informed people in those areas or supplied any possible protection. Victims are mostly Uyghur, within who live 100kilometers from the fields of nuclear test zone.


Since 60's, people who ate contaminated foods contract skin diseases and strange diseases of unknown origins, and so many deformed new-born infants without normal organs.


They’ve been treated like mice in the laboratory. Chinese government not only despises people, but also have disregard for human's lives. They have never tried repairing the damage that has been caused.
Any people with a sense of decency will look down upon such conduct.


According to the health status evaluation, from 70's, the incidence of cancer has increased sharply. The average incidence of cancer in Uyghur people was 30% higher than others in the whole country.


While our people are dying of either esophagus cancer or lung cancer, we have wondered why. The place we've lived for centuries since our forefathers, a place well-known as longevity has recently become full-scale cancer distribution region.


Residents have long complained of health problems, but it's never been reported or answered.
Nuclear weapon tests has taken millions of Uyghur people's lives, and it is this same brutal action had brought China into the "Nuclear Club" and left the world in a surprise.


For what reasons have we sacrificed our lives to this Monster?
Does it bring better environment or wealth to our motherland?
It is a sad fact that we gain nothing but a world full of pain.

onsdag, april 22, 2009

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1018 - 1085


قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيە 880 - 1212 يىللار ) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك » (بەخت سائادەتكە ئېرىشتۇرگۈچى بىلىم) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر. ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۈنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالغان

Xitayning lopnurdiki yadro sinaqlirida 1 milyon 400 ming adem atom zerbisige uchrighan

2009-04-20

Xitay 1964 ‏- Yildin 1996 ‏- Yilghiche lopnurdiki "miren" yadro tejribe meydanida yer asti - Yer üsti bolup jemiy 46 qétim yadro siniqi élip barghan idi. Dairiler bu sinaqlarning perde arqisidiki sirlarni ashkarilap baqmighan. Peqet yéqinda yaponiyilik fizika alimi jun fakadaning tetqiqat doklati bu sahediki boshluqni melum derijide toldurghan.

www.timesonline.co.uk Din élindi. Maqale aptori Michael Sheridan.
Süret, jun takadaning tetqiqat doklati toghrisida tepsili xewer bergen, engliye "taymiz" géziti tor bétidiki maqale bésilghan betning körünüshi.
Jun fakada lopnurdiki yadro sinaqlirida bir milyon 400 ming ademning radiatsiyining tesirige uchrighanliqini ilgiri sürgen.Yaponiyilik fizika proféssori jun takada xitayning lopnur rayonida élip barghan yadro sinaqlirining radiatsiyilik tesiri üstide tetqiqat élip bérip, bu sinaqlarda yerlik puqralar, etraptiki rayonlar xelqi we yadro siniqigha qatnashqan xitay eskerliridin bolup 1 milyon 400 ming ademning radiatsiyilengenlikini, 190 ming ademning ölgenlikini ilgiri sürgen.
Takada xitayning 1976 ‏- Yili 17 ‏- Noyabir küni élip barghan yadro siniqini "hawadiki sunami" dep teripligen. Takada shu qétimqi yadro siniqining küchi amérika 1945 - Yili xiroshimagha tashlighan atom bombisining küchidin 320 hesse qudretlik ikenliki, hawa boshluqidiki tejribide etraptiki rayonlargha yéyilghan radiaktip maddilarning chérnobildiki yadro weqeside tarqalghan radiaktip maddilardin 4 milyon hesse köp ikenlikini hésablap chiqqan.Jun takadaning tetqiqat doklati xelqara axbarat wastilirining diqqitini qozghighan bolup, engiliye "taymiz" géziti aldinqi künki sanida melumat bérip, yaponiyilik proféssorning tetqiqat doklati toghrisida tepsili uchur bergen. "Taymiz" gézitining xewiride eskertishiche, takadaning tetqiqat doklatidin xitayning lopnurdiki yadro sinaqliri we uning tesiride ölgen ademlerning sani, bashqa her qandaq bir döletning yadro sinaqlirida ölgen adem sanidin zor derijide éship ketkenliki melum bolghan. Proféssor jun takada xitay yadro siniqi yolgha qoyghan 32 yilda bir milyon 480 ming ademning radiatsiyilengenlikini, ularning ichidiki 190 ming ademning radiatsiyilinishke munasiwetlik késellikler sewebidin ölgen bolushi mumkinlikini bildürgen. Proféssor takada "yadro chang tozanliri" ning qedimi yipek yoli boyidiki yéza - Kentlerge tarqalghanliqini, yadro sinaqlirining qurbani yerlik uyghurlar, xoshna rayonlardiki tibetler we xitaylarni öz ichige alidighanliqini tekitligen bolup, yadro sinaqlirining tesiri yiraqtiki qazaqistangha qeder yétip barghanliqini ilgiri süridu. Ürümchi tömüryol doxturxanisining sabiq doxturi, hazir engiliyide yashaydighan enwer toxti ependi bu sahede mexsus tetqiqat élip barghan izdengüchilerning biridur. U, turpan we qumullar yadro siniqining éghir tesirige uchrighan jaylar ikenlikini bildürdi.Xitay 1990 ‏- Yili 5 ‏- Ayda pakistan üchün yadro siniqi ötküzgen bolup, takada xitayning 1976 ‏- Yili 17 ‏- Noyabir küni élip barghan yadro siniqini "hawadiki sunami" dep teripligen. Takada shu qétimqi yadro siniqining küchi amérika 1945 - Yili xiroshimagha tashlighan atom bombisining küchidin 320 hesse qudretlik ikenliki, hawa boshluqidiki tejribide etraptiki rayonlargha yéyilghan radiaktip maddilarning chérnobildiki yadro weqeside tarqalghan radiaktip maddilardin 4 milyon hesse köp ikenlikini hésablap chiqqan. Engiliyidiki enwer ependi yadro siniqining tesiri uzun yillar dawam qilidighanliqini bildürdi. Proféssor takada, lopnurdiki yadro sinaqlirining ziyankeshlikige uchrighuchilar yalghuz puqralar bilen cheklenmeydighanliqini eskertidu. U doklatta yadro siniqida wezipe ötigen xitay 8023 ‏- Herbiy qisimidiki eskerlerning salametliki weyran bolghanliqini, ularning partlash meydanigha kirishke mejburlanghanliqini, 8023 ‏- Qisimdiki eskerlerning éghir derijide radiatsiyilinip, köp qisimi ölgen, hayat qalghanlirining bolsa hazir tölem telep qiliwatqanliqini bildürgen. Lékin engiliyidiki enwer ependi yerlik xelqning hayatigha xewp yetküzüwatqan nerse yalghuz yadro siniqi emesliki, buningdin bashqa yene xitayning rayondiki biologiyilik tejribixaniliriningmu roli barliqini agahlandurdi." Taymiz " gézitining bu heqqidiki xewiride yene xitay herbiy dairilirining lopnurdiki partlash meydanining etrapigha béyjing yer asti poyiz istansisigha oxshitip, mexsus poyiz wogzali salghanliqini, bu arqiliq yer asti poyiz istansisining yadro hujumigha qanchilik berdashliq béreleydighanliqi üstidin sinaq élip barghanliqini, eskerlerning " at üstide peqet gaz maskisi taqapla tejribe meydanigha yollanghanliqini" bildürgen. Enwer ependi, buning xitay dairilirining rayonda jiddi tedbirlerni qollinishi zörür mesile bolup qalghanliqini agahlandurdi. Xitay özining lopnurdiki yadro siniqini 1996 ‏- Yili toxtatqan bolup, bu 32 yilda jemiy 46 qétim tejribe élip barghan. Bu tejribilerning 22 qétimliqi yer astida 23 qétimliqi hawada ötküzgen. Takada xitayning hawa boshluqidiki yadro siniqi axirqi qétim 1980 ‏- Yili élip bérilghanliqini, lékin yer asti yadro siniqining 1996 ‏- Yilgha qeder dawamlashqanliqini tekitligen.

erkin

Balilar parawanliq ornidiki milliy kemsitish


RFA Photo
Süret, kochida yürgen namelum ikki uyghur yash ösmür.

Muxbirimiz mihriban

2009-04-20

Yéqindin buyan uyghur élidiki balilar parawanliq ornigha élip kéliniwatqan, yétim qalghan uyghur balilirining isim - Familisini xitaychigha özgertish, ulargha choshqa göshi qatarliq musulmanche bolmighan yémekliklerni yigüzüsh, ata - Anisi bolupmu siyasi sewebler bilen türmige kirip kétip, yétim qalghan balilarning téximu éghir xorluqlargha uchrawatqanlighi heqqide inkaslar meydangha chiqmaqta.

Ürümchi sheherlik balilar parawanliq orni, eslidiki " ürümchi dariltam " ( 1947 - Yili qurulghan ) asasida qurulghan bolup, 1985 - Yilghiche sanatoriye namida ige - Chaqisiz qalghan qérilar, yétim balilar, we nérwa késellerge xizmet qilip kelgen. 1985 - Yili sanatoriyining ismi " ürümchi sheherlik balilar parawanliq orni" dep özgertilgen.Hazir bu orun yerlik xelq hökümitining maliyisige hem xelqtin kelgen iane pulgha tayinip, ürümchi shehirini asas qilghan halda türlük sewebler bilen ige - Chaqisiz qalghan yétim balilar, we zéhni ajiz balilar üchün mulazimet qilidu. Mezkur balilar parawanliq orni ürümchining gherbiy shimali qismidiki, diyopo yézisining kichik diyopu kentige jaylashqan bolup, uyghur aptonom rayonining merkizi bolghan ürümchi shehiride qurulghan bu balilar parawanliq ornining 67 xizmetchisi bar bolup, bularning ichide peqet 3 uyghur, 1 qazaq xizmetchi barliqi melum. Bu yerde texminen 350 etrapidiki yétim balilar turuwatqan bolup, yétim balilarning ichide aran 30 etrapida uyghur bala, ular omumi yétim balilar sanining texminen 10% ni igileydu. Bu uyghur balilirining köpchiliki ata - Anisi her xil siyasiy sewebler tüpeylidin, türmige kirip ketken siyasiy jinayetchiler we ata - Anisi ajriship kétip béqimsiz qalghan yétim balilar bolup, bu balilar bu yerge élip kelgendin kéyin, isim familisi mejburi xitayche isimgha özgertilish,choshqa göshi qatarliq musulmanche bolmighan yémekliklerni yéyishke mejburlinish, xitay aililirige bala qilip béqiwélishqa bériwétilish, boysunmighanlar éghir ten jazasi we rohi jazagha uchrash qatarliq jazalargha uchrap, insani heq - Hoquqliri éghir depsende qilinghanlighi heqqide jemiyette turluk inkaslar meydangha kelmekte. Ilgiri bu orunda 10 yildin artuq xizmet qilghan, mutellip ependi bilen amangül xanim, bu yerdiki uyghur baliliri yoluquwatqan türlük pajielik qismetlerni öz közi bilen körgen bolup, ular bu heqte inkas qildi. Mutellip ependi we amangul xanimning bayan qilishiche, bu yerge élip kélingen uyghur baliliri bu orungha kirgen künidin bashlap, isimining pütünley xitayche isim familigha özgertilip, bu balilar üchün yéngidin arxip turghuzulup, bu balilarni xitayche isim bilen atalghan. Mutellip ependi we amangül xanimning bayan qilishiche, bu orun qurulup 1998 - Yilghiche bu yerge élip kélingen yétim balilarning milliy örp - Aditi we ularning isim familisini ishlitish hoquqigha melum derijide hörmet qilinghan bolsimu, lékin 1995 - Yili zu yen ching isimlik xitay bashliq kelgendin kéyin, u yerdiki yétim balilarning milliy örp - Aditi dexli terüzge uchrashqa bashlighan. Bu yerge élip kélingen uyghur balilirining bir qismi ata - Aniliri siyasiy jinayet bilen eyiblinip, jazalanghanlarning baliliri bolup, ularning teqdiri téximu échinishliq bolghan. Amangul xanimning éytishiche, ular "siyasiy jinayetchilerning baliliri" bolghini üchün ularning bu yerdiki bashqa uyghur baliliri bilen bille oynishi, bille ghizalinishigha yol qoyulmighan, ularning uyghur terbiyichiler bilen uchrishishi, sözlishishi qattiq cheklengen.Hetta balilargha choshqa göshige oxshash musulmanche bolmighan yémekliklerni mejburi yégüzüsh, boysunmighan balilarni yalghuz öyge solap qoyush, hetta ach qoyush qatarliq jazalar bilen jazalap, bu balilarning rohiyiti we jismaniyitige éghir zerbe bérilgen. Mutellip ependining bayan qilishiche oghul balilar uyghurlarning örüp - Aditi boyiche élip bérilidighan xetnisini qilish qatarliq musulmanlargha xas sünnetlerning héchqaysidin behrimen bolalmighan. Bu yerdiki uyghur balilarning sani, omumi sanning 10% ni teshkil qilidighan bolsimu, lékin balilar tamaq yeydighan ashxanida birmu musulman ashpez bolmighan. Balilarning tamiqigha xitay balilirigha oxshash choshqa göshi qatarliqlar ishlitilgen. Amangül xanimning bayan qilishiche, bu yerge élip kélingen uyghur balilirining bir qisimi ichkiri ölkilerdiki xittaylargha bala qiliwélishqa bériwétilgen. Gerche uyghurlardin bu balilarni béqiwélish telipi qoyulghan bolsimu, emma idare xadimi "bu yerde uyghur baliliri yoq " dégen jawab bilen, bu balilarning uyghurlar teripidin béqiwélinishqa yol qoymighan.Amangul we mutellip ependining inkas qilishiche, yuqiriqilardin bashqa, nurgül xitayche ismi shintian song, méhrigül xitayche shinshui li, ekber xitayche ismi shin tang, alim xitayche ismi shintian kün qatarliq balilar béyjing, shangxey qatarliq sheherlerdiki xittaylargha béqiwélishqa bériwétilgen bolup, bu balilar parawanliq ornigha nahayiti kichik élip kélingechke ular özi heqqide héchnéme bilmeydiken.
Kélish menbiyi : http://www.rfa.org/uyghur

tirsdag, april 21, 2009

Уйгурская молодежь, проснись!

Вот не успел оглянуться, как прошел год в Норвегии, за этот период я увидел и познал многое и даже ощутил на себе многое, что меня просто шокировало. Раньше старшие рассказывали как уйгуры в Европе сильны и сплоченны, как они непохожи на уйгуров на родине, многие из которых знают как сплетничать, мешать друг другу в продвижении. Слыша это, я радовался тому, что происходит в Европе, и вот с помощью Аллаха я благополучно прибыл в Европу и у меня оказалась возможность увидеть все своими глазами!!! Не все было так, как я представлял себе, как печально, что несмотря на наше положение нет в нескольких ста человек сплоченности, доверия и многие продолжают сплетничать - все это очень огорчило меня. Часто задаю себе один и тот же вопрос: "Что случилось с нашим народом, и почему мы до сих пор не можем сплотиться, доверять и поддерживать друг друга?" Да, быть может человек, находясь далеко от родины на чужой земле может попросту потерять себя в комфорте и забыть рассуждать здраво, правильно ли это забыть кто мы есть на самом деле? Не забывайте, что мы не похожи на другие народы, мы не можем жить спокойно словно ничего не было!!! Наша родина еще не свободна, еще многие миллионы людей страдают и борятся в ожидании того светлого дня, когда мы обретем свободу. Прежде всего мы должны подумать о следующем поколении, кто нуждается в своей родине!!! Мы должны сплотиться, дoверять и поддерживать друг друга, и только так мы можем показать всему миру, что существует народ Уйгуры, который борется за справедливость и за свое человеческое право СУЩЕСТВОВАТЬ. Это есть наша наиважнейшая цель и разумный выбор. И все же нельзя забывать, что наиважную роль в этом играем мы молодежь...Поэтому прошу всю уйгурскую молодежь объединиться, доверять и поддерживать друг друга, сбросить с себя все плохие привычки (здесь я не уверен) и, обдумав разумно, задать себе вопрос: "Почему именно в данный момент должны мы сплотиться и верить друг другу?"

Уйгурская молодежь, проснись же с долгой спячки, раскрой глаза на правду. Быть может мы не смгли сделать хотя бы что-то на родине, но это возможно сейчас, находясь на свободной земле, где ты можешь расправить свои крылья и освободиться от долгого заточения страха! Задумайся хотя бы малость о нашем народе!

photo from www.meshrep.com

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim

Amérika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim



Mihray Abdilim Abral

Muqeddime

Hörmetlik oqurmen, méning bu yazmini yézishim, Uyghurlarning iptidaiy étiqad alahidilikliri bilen melum jehettin ortaqliqi bar bolghan Amérika Indianlirining bügünki pajielik qismetke chüshüp qélishi heqqide deslepki yüzeki qarashlirimni bayan qilish arqiliq, uchqandak tereqqi qiliwatqan bu medeniyet alimide, dewr éqimigha maslashqan halda özimizning milliy kimlikini qandaq saqlap qélish mesiliside eziz qérindashlirim bilen ortaqlishish üchün bolsa kérek.

1. Men Ulargha Némishqa Qiziqip Qaldim?

Amérika Indianlirigha qiziqishim Aliy mektepte oquwatqan chaghlirimdila bashlan'ghan bolup, men Morganning «Qedimqi Jem'iyet» dégen kitabidin Amérika Indianliri heqqidiki deslepki tonushqa ige bolghan idim. Kéyin Folklor kespi boyiche Magistérliq oqushigha qobul qilin'ghinimdin kéyin, méni özige eng jelp qilghini Uyghurlarning iptidaiy étiqad adetliri bayan qilin'ghan matériyallar bolghan idi. Gerche u chaghlarda Uyghurlarning qedimqi étiqadliri heqqide melumat bérilgen matériyallar tolimu az, bu jehettiki tetqiqat téxi izdinish basquchida bolsimu, men özüm tapalighanliki matérial menbeliridin Uyghurlarning iptidaiy étiqadliri bilen deslepki qedemde tonushush imkaniyitige ige bolghan idim. Hetta oqush püttürüsh déssirtatsiyemni Uyghurlarning shaman étiqadi heqqide yazmaqchimu bolghan idim, emma yétekchi oqutquchum proféssor Abdukérim Raxman ependining teklipi bilen «Ili Meshrepliri» heqqidiki emeliy tekshürüshümni yazghan idim. Lékin méning eshu chaghlardila Uyghurlarning Iptidaiy étiqadliri bilen Amérika Indianlirining Shaman étiqadi ottursidiki oxshashliqlardin ular otturisidiki qandaqtur sirliq baghlinishlarni tépip chiqqum kéletti. Az kem 13 yil Folklor kespi boyiche ders ötüsh jeryanida asasliq izdinishim yenila Uyghurlarning étiqadi heqqide boldi we özümning emeliy tekshürüshlirim asasida hazirqi zaman Uyghurlar turmushida saqlinip kéliwatqan Shaman dini étiqadining bezi ipadiliri heqqide birqanche maqalemni élan qilghanmu boldum. Emma bu étiqad ipadilirining menbesi heqqidiki izdinish yenila yüzeki déyishke bolatti. Méning Amérika Indianlirining étiqad alahidiki heqqide téximu jiqraq nersilerni bilgüm, bügünki Amérika Indianlirining heqiqiy turmushi bilen tonushqum kéletti. Nihayet axiri bu pursetkimu érishtim désem bolidu. 2005- yili 10–ayda men Amérikining Indiana shitatidiki Indiana Uniwérsitétigha bir yilliq bilim ashurushqa keldim. Elwette mektepke kelginimdin kéyin méning asasliq izdinish obyéktim yenila Amérika Indianlirining étiqad adetliri, tarixi we zamaniwilashqan bügünki medeniyet alimidiki ularning teqdiri boldi. Emma némisini dey, ular heqqide bilgenlirim qanche jiq bolghanséri könglüm shunche perishan bolidighan bolup qaldim. Men okyanlar atlap, yéqin qérindashlirimdin ayrilip, gerche turmush aditi, medeniyiti oxshimisimu emma étiqati, psixikisi, teqdiri biz bilen oxshiship kétidighan Amérikining bu esli yerlik ahalisi bilen tonushush arzusida bu zémin'gha qedem basqan idim. Toghra, ulargha bolghan qiziqishim bir minutmu toxtap qalghini yoq, néme üchündur tarix sehniside öz rolini yoqitiwatqan, millet süpitide mewjut bolush, hazirqi zaman dunya medeniyitining bir qismigha aylinish hoquqidin ayrilip qalghan bu insanlar topigha shunche méhri-muhebbitim barliqigha bezide heyran qalimen.

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (2 )

2. Qizziqish Izdinish we Munglinish

Men Indianlargha ait tetqiqatlar bilen tonushush imkaniyiti bolarmikin, dégen ümidte awat sheherlerge bérish pursitidin waz kéchip, Amérikining Indiana shitatidiki Bloomington dégen bu kichikkine sheherge kelgen idim, emma bu yerde men körüshni arzu qilghan birmu Indian uchrimidi! Kelgen künümning etisi nashta qiliwétip G ependimdin soridim "Shehiringlarda Indianlarni uchritalarmenmu?" G ependi teejjüp bilen manga qaridi, emma derhal yüzige külke yügürtüp "Bilmekchi bolghiningiz topliship olturaqlashqan Indianlarmu?" dep soridi, "Shundaq méning ular olturaqlashqan jayni bek körgüm bar idi." "Shundaqmu, elwette sizning kespingiz Folklor bolghandin kéyin bu héssiyatingizni chüshinishke bolidu, emma bu sheherde siz dégendek Indian guruppiliri yoq, emma shitatimizda az bir qisim Indianlar bar, lékin ularning özige xas turmush usuli alliqachan özgirip ketken bolushi mumkin." "Bek epsuslinarliq ish boluptu!" Men éghir xursindim. G ependi sözini dawamlashturdi, "Méning bir Indian aghinem bar, Indian tili tetqiqati bilen shughullinidu, uning déyishiche hazir pütkül Amérika qit'eside nahayiti az bir qisim Indianlarla özlirining en'eniwi medeniyitini saqlap qalalaptu, tilini saqlap qalghanlar bolsa téximu az iken". "Rastmu, ehwal shunche éghirmu?" G ependi éghir xursindi "Bu heqiqeten bir chong yoqitish boldi, Amérika qit'esidiki 500 Indian qebilisi ashundaq yoqap ketti!" Men ündimidim, uning keypini téximu buzghum kelmidi. G ependi tuyuqsiz béshini kötürdi-de "Rast, bizning shehirimizde bir Indian résturani bar, u yerde ularning en'eniwi tamaqlirini yéyeleysiz. "Bu gepni anglap könglüm xéli échilip qaldi, "Shundaqmu? emise men kéyinche barsam bolghidek!" Shundaq qilip bu qétimqi söhbitimiz ayaqlashqan boldi, emma mendiki heqiqi Indianlarni körüsh istiki barghanche küchiyip bériwatatti, Amérikining esli igiliri bolghan bu kishilerni bügünki turmush aditini, ularning zamaniwi jem'iyettiki yashash usulini bilgüm bar idi. Mektepning "Folklor Tetqiqat Merkizi"de Indianlar tetqiqati bilen shughullinidighan Proféssorlarni we ularning bir qisim tetqiqat maqalilirini Mektep toridin körgenmu boldum, emma deslepki aylarda til ötkili aldimdiki éghir tosaq bolghachqa, ularning eserlirini chüshinelmidim désemmu bolidu. Rast, kélip ikki ay bolghandighu deymen, bir küni sheher merkizini aylinip yürüp, tuyuqsiz közüm"Indian Résturani" dégen wéwiskigha chüshüp qaldi-de, ixtiyarsiz résturan'gha kirip keldim, kütküchi qiz xush tebessum bilen aldimgha keldi, men ularning tamaq tizimini qolumgha élip eng erzan qorumidin birni körsettim, u bir istakan su bilen bir dane qeghez salfetkini aldimgha epkélip berdi-de, hayal ötmey, bir texse uwutulghan qonaqni epkélip berdi, bu suda pishurulghan qonaq bolup, pemimche yérim bash qonaq bolsa kérek, uni yégen chéghimda Ürümchi kochilirida Tungganlar wélsipit bilen warqirap yürüp satidighan issiq kökwashlar ésimge keldi, emma bu qonaqning temi uninggha hergiz yetmeytti! Chüstin kéyin bolghach, résturanda bashqa xéridar yoq idi, méning xiyal bilen olturghinimni körüp heyran qalghan bolsa kérek, kütküchi qiz mendin soridi "Tamiqimiz tétidimu?" men chöchüp béshimni kötürdüm, "elwette bek mezilik boluptu!" Men balilar ishlitidighan "Mézilik" dégen sözni ishlettim. U méning chet ellik ikenlikimni biliwaldi-de, manga qarap tatliq külümsiridi "Rehmet, daim kélip turung!" "Bolidu, purset bolsila!" Emma tamiqi qimmet bu resturan'gha emdi kélishim mumkin emes idi. Men uning bikar ikenlikini körüp qiziqishimni basalmay soridim. "Siz Indianmu?" U birdem téngirqap turup qaldi-de, andin jawab berdi "Men Meksikiliq, ejdatlirimiz Indian bolsa kérek. "Bughday önglük bu qiz manga shundaq jawab berdi. "Xojayininglarchu, umu Méksikiliqmu? "Shundaq, umu Méksikiliq ..." "Siler qaysi tilni ishlitisiler?" "Biz Ispan tilini ishlitimiz, Bashqilar bizni "Spanishlar" deydu, emma biz Yawropadiki Ispanlargha oxshimaymiz." U toghra dewatatti, bu qizda Yawropa irqigha teelluq héchqandaq izna yoq idi, bughday önglük, közliri chongqur, burni sel yapilaq kelgen bu qiz wetinimizdiki mongghullarni eslitetti. "Xojayininglar Indian tilini bilemdu?" "Bilmise kérek, u daim Ispan tilida sözleydu, xéridarlargha In'gliz tilida sözleymiz". Emdi artuq soal sorishimning orni qalmighan idi. Amérika qit'esidiki shanliq "Maya Medeniyiti"ni yaratqan bu yerlik xelq öz ana tilini pütünley untughan idi!

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (3)

2. Qizziqish Izdinish we Munglinish ( dawami )

Her yili 11-ayning axirqi heptisining peyshenbe küni Amérikiliqlarning "Thanks Giving" deydighan bir bayrimi bolup, menisci "Teshekkür Bayrimi" dégenlik bolidu, bu bayram Amérika hökümet bayrimi bolup, hökümet organliri, mektep qatarliq jaylarning hemmisidila 3 kün dem élish bérilidu, bu küni hemme aililerde "Kürke toxo" yéyishidu, emeliyette bu bayram Yawropa köchmenlirining yerlik Indianlargha bolghan "Namaqulluq küni" déyishkimu bolidu. Hélimu ésimde 11-ayning 24-küni bir Amérikiliq sawaqdishimiz bizni öyige "Kürke Toxo" yéyishke chaqirdi, dastixan üstide bu bayram toghriliq gep bolup qaldi. U bu bayram toghriliq toxtilip "Columbu Amérikigha tunji kelginide, ularni acharchiliq azabidin Indianlar qutquzup qalghan iken, ata-bowilirimiz yerlik xelqning qizghin kütüwélishigha érishken, bizning ejdatlirimiz ularning yardimide hayatliqqa érishken, biz bu künni hergiz untumaymiz!" U biz chet ellik oqughuchilargha qarap sözini dawamlashturdi: "Bizning bu yerde érishken barliqimiz eng awal eshu yerlik xelq Indianlargha tewe, köchmenler ularning bu yaxshiliqini hergiz untumaydu!..." U toxtimay sözleytti, Amérikiliqlarning her yili bu künni qandaq debdebilik xatirileydighanliqini, özlirini bügünki bextke érishtürgen yerlik xelqqe bolghan cheksiz minnetdarliqi... eytawur u ata-bowiliri bolghan Yawropa köchmenlirining Indianlargha bolghan cheksiz minnetdarliqini eng güzel ibariler bilen ipadilewatatti... Uning sözlirini anglighanséri ichim pushushqa bashlidi, uninggha öch bolushqa bashlidim, u sözide özlirining Indianlargha bolghan teshekkürinila sözleytti, Yawropa köchmenlirining yerlik ahalilerge bolghan chongqur muhebbitini ajayip zoq bilen bayan qilatti, emma 200 yil burun ata-bowilirining Indianlarni dehshetlik qirghin qilghini heqqide bolsa zadila toxtalmaytti! Özümning uning öyige méhman bolup kelginimni untughan bolsam kérek, uningdin shundaq soridim "Yawropa köchmenliri yeni silerning ata-bowiliringlar Indianlargha rastla eshundaq dostane muamilide bolghanmidi?" U nahayiti sezgürlük bilen manga qaridi "Elwette, kéyinki chaghlarda ata-bowilirimiz bilen Indianlar otturisida sürkilishler bolghan, Jékson dewride "Tinchliq kelishimi" imzalan’ghandin kéyin ular bilen dostane ötüwatimiz, mana hazir Amérika hökümiti her yili Indianlargha tölem puli béridu". U quwluq bilen manga qarap qoydi, bu nazuk témidin u epchillik bilen özini qachurdi, shundin kéyin Indianlar heqqide gep bolunmidi. Heqiqi Indian medeniyiti bilen tonushush pursitige men qishliq tetil mezgilide érishtim. 12- ayning axirqi heptisi mektep "Milad Bayrimi" we "Yéngi Yil" munasiwiti bilen 20 künlük tetilge qoyup berdi, Washin’gitondiki qérindashlirimning qattiq turuwélishi bilen men Washin’gton’gha dem élishqa bardim, yéngi yilni ötküzüpla, ularning renjishige qarimastin, méhmandarchiliqlarni ret qildim-de, bir hepte waqtimni Muzéylarni körüshke ajrattim, her küni etigen ornumdin turattim-de, métrogha olturup, Muzéylarning échilishigha ülgürüp, sheher merkizige kélettim, taki chüshtin kéyin saet 5 bolghiche muzéy arilap kechte hedem ishtin chüshkende métro bilen öyge qaytattim. Muzéylarning hemmisi heqsiz bolup, Kapitol Xoll etrapida idi, "Amérika Tarixi muzéyi","Alem Qatnishi muzéyi", "Sen’et Muzéyi" "Ösümlük Baghchisi" "Linkolin Xatire öyi" qatarliqlarning hemmisige bardim, manga eng tesir qilghini yenila "Indianlar Muzéyi" boldi, bu muzéy esli "Amérika Tarixi Muzéyi" bilen bille bolup, 2004- yili 7- ayda ayrilip chiqip mexsus bir bina sélin’ghan iken. Men mana mushu jaydila özüm heqiqi arzu qilghan Amérika Indianlirining tarixi, turmush aditi, etiqad alahidiliki qatarliqlar bilen tonushtum déyishim kérek, emma til jehettiki qolaysizliqlar méning téximu chongqur chüshinishimge tosalghu boldi désemmu bolidu, lékin axirqi hésabta men yenila özümni qiynap kelgen soalning jawabini bu yerdin tapqan boldum. Muzéy töt qewet bolup, uning sirqi haliti sizge Tagh arisidiki qiya tashlarni eslitetti, Muzéy aldida qomushlar bilen oralghan bir kölchek bolup, kölchekte yawa ördekler üzüshüp yüretti (Deslep kelginimde bu ördeklerni öy ördeklirimikin dégen idim, emma bir küni muzéy taqalghan chaghda, bu ördeklerning top-topi bilen etraptiki qarighaylar we igiz binalar üstige qarap uchup ketkinini körüp heyran qaldim, bular esli yawa ördekler iken emesmu! Bu ördekler sheher muhitigha obdanla maslashqan idi. Muzéyning 1- qewiti we 3- qewitide kinoxana bolup, bu jayda Indianlargha ait filimler heqsiz qoyulidiken; 2- qewitide kutupxana bolup, Indianlargha ait barliq yazma we éléktironluq qollanmilarni bu jaydin körüsh mumkin iken; 2- qewetning yérimi we 4-qewette mexsus Indianlargha ait maddi buyumlar we ularning tarixi, örp-aditi, étiqad alahidilikliri bayan qilin’ghan sinalghu filimliri qoyulidighan bolup, Amérika hökümiti öz waqtida qanliq qirghin qilghan, rehimsizlik bilen munbet zéminlirini tartiwalghan,hala bügün’ge kelgende yoqilish girdabigha bérip qalghan bu kishilerge alahide méhribanliq körsitip, ularning medeniyitini teshwiq qiliwatqandek qilatti. "Indianlar Muzéyi"da men eyni yillardiki Yawropa köchmenliri bilen Indianlarning munasiwiti heqqidiki bezi tarixiy matériyallargha érishtim disemmu bolidu. Amérika qit'esidiki yerlik qebililer esli 500 din ashidighan bolup 1492-yili Kolumbu we uning hemmrahliri bu zémin'gha qedem basqinida bu yerdiki özgiche ajayip medeniyet, mol bayliq, bolupmu yerlik kishilerdiki tengdishi yoq méhmandosluq ularni qattiq tesirlendürgen. Ene shundin kéyin Yawropaliqlar bu zémin'gha top-topi bilen köchüp kélishke bashlighan. Yillarning ötüshi bilen zidyetmu küchiyip barghan, hayatliq éhtiyaji ular otturisidiki rehimsiz urushni keltürüp chiqarghan.18-esirge kelginide bu urush ewjige chiqqan. Eslidiki 500 qebilidin bu chaghda özining musteqil küchini we medeniyitini saqlap qalalighanlardin Iroquois, Seminoles, Shawnee, Navajo, Lakuta Sioux we Cheyenne qebilisidin ibaret 6 chong qebile qalghan bolup, Anderew Jackson (7-nowetlik Prézidént, 1829-1837) dewrige kelgende Amérika hökümiti ular bilen tinchliq kélishimi imzalighan. Emma otturidiki zémin talishish urushliri dawamliq bolup turghan, uning üstige bu 6 qebile otturisidiki öz’ara ziddiyetler küchiyip bérip ularning küchi barghanche ajizlashqan,19-esirge qedem qoyghinida bolsa ular özlirining xas medeniyitini yoqitip axirqi hésabta köchmenler élip kelgen Yawropa medeniyiti teripidin teltöküs assimilatsiye bolushqa qedem qoyghan, yillarning ötüshi bilen mana bügünki kün’ge kelgende ularning tili we has medeniyiti pütünley dégidek yoqalghan. Ular heqqidiki xatiriler peqet muzéyxanilardila saqlinip qalghan idi.


Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (4 )

2. Qiziqish Izdinish we Munglinish( dawami )

Elwette, Amérikida bu yerlik insanlar topi heqqide heqiqeten nurghun tetqiqatlar élip bérilghan, sansiz kitablar yézilghan bolup, hazir bu téma Amérikida unche qizghin témilardinmu emes idi. Amérikiliqlarning Indianlar heqqide köp sözligüsi kelmeytti, köpinche kishiler bu témidin özlirini qachuratti. Washin'gitonda muzéylarni arilap yürgen ashu künlirimde, wetende Uyghurlar arisida xéli közge körün'gen, men tolimu hörmetleydighan bir tarixshunas akimiz méning Amérika Indiyanlirining örp-aditige qiziqiwatqinimni anglap, teshebbuskarliq bilen méni izdep keldi we manga"Indianlar heqqide izdiniwétipsiz, heqiqeten bu tolimu yaxshi téma, ular heqqide menmu jiq izden'gen we Uyghurlargha oxshaydighan bezi mesililernimu bayqighan idim, emma kéyin bu tetqiqatimni pütünley toxtattim! Méningche bu témidin özingizni tarting!" Uning pozitsiyesi xélila qattiq idi, men könglüm bir nersini tuyghandek uninggha qaridim, emma yenila qayil bolmighan halda uningdin qayturup soridum "Némishqa undaq deysiz, men ularning "Shaman Dini" étiqadigha ait mezmunlardin Uyghurlarning xelq arisida saqlinip kéliwatqan, bezi étiqat adetliri bilen tolimu yéqin bolghan nersilerni bayqawatimen, hetta ularning bezi "Shaman Ussulliri" beeyni bizning "Baxshilarning pire oynishi"ning özi iken'ghu?!" "Toghra deysiz, belkim siz oylighandinmu jiq mesililerde ular Uyghurlargha oxshiship kétidu... Emma eger méning sözümni ilik alsingiz bu tetqiqatni toxtiting, ularni chüshen'genséri, ular heqqide bilidighanliringiz qanche köpeygenséri shunche könglingiz yérim bolidu..." U gépining axirini yutuwetken idi. Ikkimizning söhbiti ashundaq köngülsiz ayaqlashqini hélimu ésimde... Mana bügün ularning öz qismetlirini xulasiligen bir kitabni oqup tügettim. Bu kitabni bashlighinimgha bir ay bolghan bolup, bügün toluq tügettim, deslepki künlerde lughetning yardimide chüshenmigen sözlüklerge belge urup, yénigha terjimisini yézip mangghan idim, emma kitabqa bolghan qattiq bérilishim kéyinki chaghlarda uchrighan yéngi sozlernimu tashlap kétidighan haletke yetküzdi, esli yerlik ahalidin bolghan aptorning chongqur hayajan, ajayip semimiylik bilen yazghan her bir jümlisi méni özige qattiq jelp qilghan idi. Bu kitapning aptori T.C.Mc Luhan bolup, U 1971- yili «Touch The Earth» («Zéminni Quchaghlash» yaki «Yerni Tutiwélish» dégen menide terjime qilish mumkin) dégen namda bu kitabni yézip püttürgendin kéyin shu yili Amérikida «Halliday Lithographic Corporation» neshriyati teripidin tunji qétim neshr qilin'ghan, 1972- yili 1-ayghiche bu kitab 6 qétim qayta neshr qilin'ghan bolup, shu yili Amérikiliqlar eng qarshi alidighan kitabqa aylan'ghan, shimaliy Amérika qit'eside Amérika we Kanadada bu kitab eng bazarliq kitab bolup qalghan! Ajayip güzel nesriy til bilen yézilghan bu kitabta Amérikidiki bu yerlik ahale Yawropa köchmenlirining tili boyiche "Indianlar"ning, yéngi köchmenler "Aqlar" teripidin qandaq qirghin qilin'ghanliqi, ularning eslidiki örp-adet we medeniyitining qandaq kemsitilgenliki, ular nechche ming yildin buyan tiriship berpa qilghan barliq bayliqlirining yéngi köchmenler teripidin qandaq bulang-talang qilin'ghanliqi, ular qedirligen ular ezizligen bu zéminnning "Yawropa kochmenliri"ning köplep boz yer échishi, tériqchiliq qilishi netijiside qaqasliqqa aylan'ghanliqi, derexlerning késilip, ular qedirleydighan, téwinidighan "Orman Ilahi"ning, bu zémindin kétip qalghanliqi, ular étiqad qilidighan "Aq bürküt"ning bu zéminni tashlap ketkenliki, ular qedirleydighan, ulargha hayatliq bexsh etken ana derya Missisipi we Amazon deryalirining qandaqlarche apet deryalirigha aylan'ghanliqi,Ular muqeddes bilidighan Rokky téghining toxtimay qézilish netijiside quruqdalghanliqi aptorning qan-yash bilen pütülgen her bir sözide, köngülni lal qilghudek ibariler bilen bayan qilin'ghan idi... Aptor kitabining muqeddimisini shundaq bashlaydu: "Biz ezeldin muhtajliq we acharchiliq azabini tartip baqmighan iduq... Rokky téghi we Missisipi deryasi bizge tügimes béliqlar, shirin méwiler, temlik purchaq, kawa, tatliq üzüm we qonaqlarni béretti... anilirimiz méwilerdin shirin sherbetlerni teyyarlayti... kentlirimiz orman arisida,"Orman Ilahi" ormanliqtiki barliq haywanat uchar qushlarni_Bizning dostlirimizni we bizni öz panahida saqlaytti, biz ashu güzel ormanliqta ana derya boyida, Rokky téghi baghrida qushlarning naxshisigha jör bolup ormanliqtiki dostlirimiz éyiq, yilpizlar bilen dost bolup xatirjem inaq yashayttuq... Biz shunche ghemsiz iduq..." "...Ular keldi.." aqlar "keldi... biz "Kürke toxo "kawipi bilen ularni méhman qilduq,"shaman"lirimiz ularning késilini dawalidi, ularni issiq chedirlirimizgha bashliduq, méhman qilduq, küttüq... ular minnetdar bolup issiq yashlirini töküshti... bu yaxshiliqimizni menggü untumaydighanliqini wede qilishti...Toghra, ular bu yaxshiliqimizni zadila untup qalmidi, 400 yildin buyan her yili "teshekkür bayrimi " ötküzüp kélishiwatidu, 11- ayning 4- küni ular üchün muqeddes kün, ular "Kürke toxo" yéyish arqiliq yerlik xelqlerge bolghan minnetdarliqini hélimu bildürüp külishiwatidu! "...Emma kéyin ular türkümlep -türkümlep bu zémin'gha köchüp kelishti, deslep bizdin olturghudek öy, qorsiqi toyghudek tamaq soridi... biz qonaq, purchaq, kawa, beliq, tügünek bilen ularning qorsiqini toyghuzduq... anilirimiz we ayallirimiz ulargha kendir we qoy yungidin issiq ediyallarni toqup berdi, erlirimiz ulargha kala térisidin issiq chédirlarni qurup berdi... Emma emma ular ormanliqtiki derexlirimizni kesmekchi bolushti... bu derexlerdin heshemetlik öylerni yasaydighanliqini déyishti... biz "orman Ilahi "ghezeplinidu, undaq qilmanglar "déduq, ular unimidi, derexlerni kesti, ot-chöp gül-giyahlarni cheylidi... orman bizning ejdatlirimizning öyliri idi... ejdatlirimiz ormanlar arisida ashu her bir tüp derexte bizge meggülük hemrah idi... ejdatlar rohi qorundi... orman ilahi ghezeplendi, gül-giyahlar yighlidi... ular ormanliqtiki doslirimizni haywanatlarni rehimsizlik bilen owlidi, ularni tutup yéyishke bashlidi... zémin bu qirghinchiliqni kötürelmidi... zimin yash tökti... apet yétip kelgen idi... Biz ularning bu qilmishidin yirgenduq... ulargha deslep nesihet qilduq anglimidi, yalwurduq ular perwa qilmidi, nihayet ular bizge bu zéminni özlirige bérishimizni bu yerdin yiraqqa, yenimu yiraqqa kétishni buyrudi... biz heyran qalduq... ésenkiriduq... ghezeplenduq... zéminimiz üchün, muqqeddes Rokky téghi üchün, orman ilahi üchün, derya animiz üchün ular bilen élishtuq, qanlirimiz derya bolup aqti... ana zéminimiz azab ichide ingridi... biz orman ilahidin yiraqqa, yiraq chöllerge kétishke mejbur bolduq.... Ular bizdin téchliq telep qilishti... bizge yéngi makan, yéngi zimin hazirlap bérishti... emma bizning bu yerni yaqturidighan yaki yaqturmaydighanlighimizni sorapmu qoyushmidi... Bizni mushu jayda mushu yéngi makanda yuwashliq bilen ularning buyruqlirini anglishimizni ulargha sejde qilishimizni telep qilishti... bizge özliri élip kelgen "medeniy el"ning turmush aditini ögetmekchi, özliridek yashihimizni, ulardek zuwanda sözlishishimizni, ulardek ghizalinishimizni telep qilishti..." Kitabtiki her bir jümle, her bir söz yürekni ézetti... shu tap köz aldimgha ana derya Tarim deryasi, Ana makan Teklimakan, Ili deryasi,Tengri téghimiz kélishke bashlidi.Tarim wadisidiki Altunreng toghraqlarning boz yer échilip "kéwez térish üchün késilgen chaghdiki dehshetlik menzire, Qanas köli boyidiki exletke tolghan qarighayliqlar,Telke taghliri ichidiki kolan'ghan méhrigiyah, chüchükbuyilar, qumliship ketken Tarim wadisi, Süyi qurughan Lopnur köli... gewdilinishke bashlidi! Shundaq, bizmu ana deryani muqeddes bilettuq, su ilahigha choqunattuq, chünki u pakliqning simwoli idi, Tengrini muqeddes bilettuq, shunga taghlirimizni qedirlep "Tengri Téghi" dep atayttuq, orman ilahidin eyminettuq, shunga derexlirimizni kesmeyttuq... Towa, oxshumighan millet, ohshimighan medeniyet qatlimi, emma oxshash etiqad, oxshash pishika, oxshshash teqdir!.... Kitabtiki her bir bayan méni özige esir qiliwalghan idi, aptor yéqinqi 200 yildin buyan Amérikida yüz bergen her bir tarixiy weqeni izah sheklide bash qurda bérip, arqidin ashu mezgildiki "Indianlar"ning bu xil qismetlerge bolghan inkasini yazghan idi. Nesir sheklide yézilghan bu eser "Indian"larning qan-yash bilen pütülgen tarixi idi. Ular özlirining néme üchün bu xil qismetke duchar bolghanliqi heqqide izden'gen, buning sewebini tépishqa tirishqan idi. Shundaq, kitab méni özige jelp qiliwaldi. Xiyal keptirim Indianlar turmushidin halqip wetinimge, Uyghur ''elige ketken idi... tarix rehimsiz, u kishilerge her xil qismetlerni ata qilidu, emma kishilerning teqdiri öz qolida, milletning teqdiri, kélechiki öz qolida... Mesile ashu türlük qismetlerge qandaq muamile qilish, duch kéliwatqan, kelkündek yamrap kéliwatqan yat medeniyet aldida özige xas bolghan esli medeniyet, esli étiqatni qandaq saqlap qélish we uni tarix sehnisige mas halda yéngiche roh bilen sughirish mesilisi bolsa kérek.

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (5 )

3. Indianlar Bilen Uyghur Ejdatliri Ottursida Qanchilik Baghlinish Bar?

Bir küni men sawaqdishim Elon'gha özümning Indianlar bilen Uyghurlarning étiqad we bashqa jehettiki bezi oxshashliqliri heqqide izdiniwatqinimni sözlep berginimde u qayil bolmighan halda: "Rastmu? Siz ularning ottursida baghlinish bar dep qaramsiz?..." dep sorighan idi. Uning shu chaghdiki qayil bolmighan eshu haliti hélimu köz aldimda turuptu. "Untup qalmang, Amérika Indianliri Sibériyidin kelgen!" Men étiraz bildürdüm, "Qedimqi Sibériye bizning yiraq ejdadlirimiz paaliyet élip barghan zémin!" "Shundaq "Amérika Indianaliri"10 ming yillar ilgiri rastla Sibériyedin kelgen, buni menmu tarix kitablardin oqughan, emma chüshenmeydighinim, Ular bilen silerning Uyghurlarning otturisida zadi qandaq baghlinish bar? Buni ispatlimaq tes, shundaqmu?" "Toghra deysiz, 10 ming yillar ilgiriki insanlar topi bilen hazirqi insaniyet otturisida elwette nurghunlighan sirliq hikmetler yoshurun'ghan, ularni biwasite ejdad we ewladliq munasiwiti bilen baghlighili bolmaydu elwette! Lékin ular ottursidiki, étiqad, turmush aditi we medeniyet jehetlerdiki bezi oxshashliqlar kishini heyran qalduridu. Bu mesile yalghuz menla emes, belki nurghun kishiler qiziqiwatqan, tégige yételmeywatqan sir déyishke bolidu." Shu küni uning yénidin qaytipla udul kutupxanigha bardim. Indianlar tarixi, ularning étnik menbesi heqqidiki kitablarni izdeshke bashlidim. Ulargha bolghan qiziqish méni özige esir qiliwalghan bolup, ular heqqidiki herqandaq maqalini oquyttum. Belkim bu méning ular bilen yiraq ejdadlirimiz otturisidiki oxshashliqni tépip chiqish istikim sewebidin bolsa kérek! Hazirqi zaman medeniyet alimidiki kishiler qedimqi Sibériyeni "Bosh makan" "Yawayilar Zémini"dep qarashmaqta. Eger biz bu makanning 10 ming yillar ilgiri hetta 20 ming yillar ilgiriki "Gheyri Resmi Tarixi" (Epsanilar dunyasi) gha nezer salidighan bolsaq, ularning eyni dewrdiki yashash muhiti bizning diqqitimizni tartidu. Dunya jamaetchiliki teripidin insaniyet medeniyitining böshükliri dep qaralghan "Qedimqi Misir" , "Qedimqi Babil" qatarliq medeniyet yurtlirida Insan özining shanliq medeniyetlirini yaratqinida "Sibériyilikler" elwette özige xas yashash usulini yaratqanliqini, ularning özige xas özgiche medeniyet chembiriki qurghanliqini inkar qilalmaymiz elwette! Ularning hazirqi Ural-Altay tilliri türkümidiki xelqlerning étiqat aditidiki tebietni muqeddes bilish qarishi, Shamanlarning yardimide özliri muqeddes bilip kelgen eshu Ilahlar bilen alaqilishish istekliri, bir-birige tolimu yéqin bolghan folklor epsane -qoshaqliri, qedimqi turmush we ishlepchiqirish aditining, eyni dewr kishilirining psixikisining, ularning bedii qarishining büyük namayendisi bolghan "Qiya tash resimliri"... qatarliqlar bizni oylandurmay qoymaydu. Mana bu insanlar türkümining bir qismi buningdin texminen 10 ming~20 ming yillar ilgiri Asiya bilen Amérikining eng yéqin ikki tumshuqi _"Uzulush" muzluqi arqiliq Alyaska we shimaliy Amérika, kéyinche jenubiy Amérikigha yötkelgen, ular bu zéminda shanliq "Maya medeniyiti" "Olmik medeniyiti" "Teotwakan Medeniyiti” qatarliq ajayip medeniyet tiplirini yaratti. "Tiotwakan medeniyiti"ge tewe bolghan Piramidalarning qurulush uslubi bilen Misir el-ehramning qurulushidiki shu qeder yéqinliqlar, bu yerdiki Tengri namigha sizilghan resimler bilen Fransiyediki "Altamara ghar sizmiliri" "Ispaniyidiki "Rosko Ghar sizmiliri" qatarliqlar otturisidiki shu qeder oxshashliqlar ene shu eng qedimki medeniyet iznaliri bolup, hazirqi zaman alimliri téxiche bular otturisidiki sirliq baghlinishning tégige yételmey ularni "Alem ademliri" "Derijidin tashqiri eqilliq ademler" yaratqan medeniyet dep teripleshmekte. Insaniyet medeniyet qatlimining birinchi irasigha tewe bolghan bu medeniyet izliri "Amérika Indianliri"ning bu zéminning esli igiliri bolghan 100 ligen qebilining ( emeliyette bu zémindiki yerlik qebililer 500 din ashidighan bolup, 19- esirge kelgende bulardin peqet 6 qebilila özining musteqil medeniyet haliltini, millet bolup turush iqtidarini saqlap qalallighan!) özgiche medeniyet milodiyisi déyish mumkin!

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (6 )


Emdi ular bilen qedimqi Altay -Ural medeniyet tipige tewe bolghan, qedimqi "Atliqlar Medeniyiti"ning yaratquchiliri bolghan dunya jamaetchiliki teripidin "Hunlar" dep qarilip kéliwatqan yiraq ejdatlirimizni baghlash mumkinchiki bolamdu-qandaq? Sibériyede, Mongghul dalalirida miladidin 3000~1000 yillar ilgiri paaliyet élip bérishqan Altay-Oral tili sestimisi"da sözlishidighan bu xelqler emeliyette hazirqi Türki tilliq xelqlerning ejdadidur. Hunlarning étnik menbesi heqqide gerche hazirghiche talash -tartishlar boluwatqan bolsimu, lékin ularni eshu qedimqi "Sibérliqlar"ning yiraq ewladliri ikenliki heqqidiki qarash yenila birlikke kelgen idi. Buni nurghun tarixchilar öz tetqiqatlirida ispatlashqan idi! Undaq bolsa "Amérika Indianliri" bilen "Hunlar"ning esli ejdadi bir bolushi mumkin dégen xulasini chiqirish imkaniyiti bolamdu- qandaq? Mana bu mesililer taki hélighiche talash-tartish ichide turiwatqan mesililer xalas! Emma méning yenila "Amérika Indianliri" bilen merkizi Asiya xelqlirini baghlighim kélidu.

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (7 )


4.Indianlar Teqdiridin Tughulghan Hislar

Hörmetlik oqurmen, belkim méni néme üchün Indianlar heqqide toxtimay sözleydighandur dep oylawatqandursiz. Shundaq, méning ular heqqide sözligüm, ularni bilgüm, chüshen'güm we buni wetendiki yash dostlirimgha sun'ghum bar. "Amérika Indianliri" turmushidiki bir alahidilik ular tebietke eng yéqin kishilerdur. Tebietke bolghan hörmet, tebietke bolghan muhebbet, tebietke bolghan sadaqet, tebietke bolghan cheksiz étiqad ularning jismi hem rohigha singip ketken déyishke bolidu! Tebietke bolghan bu qeder méhr-muhebbet ulargha ata-bowiliridin_____Sibériyeliklerdin miras qalghan bolup, ulardiki bu xil étiqad hélimu hem ularning turmushida öz ipadisini tépip turuptu. Ularning hazirqi ewladliri gerche bir pütün mukemmel millet bolup turush imtiyazidin ayrilghan, özige xas tilini yoqatqan halette bolsimu, emma bu kishilerdiki ejdatliridin qalghan eshu xil eqide, roh téxi yoqalmaptu! Tebietke bolghan cheksiz séghinish, muhebbet, étiqat hélimu ularning turmushida öz ipadisini tépip turuptu. Yaq, méningche ulardiki tebietke bolghan étiqad herqandaq bir el, milletke qarighanda shu qeder mukemmel saqlan'ghan iken. Men ularning turmushi hem örp-adetliri teswirlen'gen kitablarni, vidéolarni shundaqla ularning bügünki ewladlirining Amérikida ötküzgen xilmu-xil bayram -murasimliridin buni téximu chongqur his qilishqa bashlidim. Amérikida "Amérika Indianliri"gha ait tor betliridin yüzche bar bolup, men köprek , , <101>. qatarliq 10 gha yéqin tor betlirini ziyaret qilip turimen, bu tor betliride hazirqi Indianlargha ait kündilik xewerler, ularning bayramliri, kündilik paaliyetliri, turmush adetliri, senet paaliyetliri qatarliqlar nuqtiliq tonushturulidu. Morganning «Qedimqi Jem'iyet» dégen kitabida teswerlen'ginidek, ular hélimu Quyashni muqeddes bilishidu; "Ay Ilahi"gha téwinidu; Yultuzlarning jaylashqan ornigha we yötkilishige qarap kishilerning teqdir-qismetlini belgilishidu, bolghusi ishlardin bisharet bérishidu; "Ejdatlar rohi"din medet tileydu; özliri muqeddes dep qarighan Taghlarda "Thagh muekkili"sheripige türlük tebriklesh paaliyetlirini élip baridu; "Orman ilahi" we "Su ilahi"gha atap nezirler qilishidiken. Men tor béketliridin ularning bayramlirigha ait höjjetlik filimlerni körüp turimen. Bultur 7- ayda ularning "pow-pow ussuli musabiqisi"gha ait bir filimni kördüm. Her yili 5- ay mezgilide Kaliforniye shitatidiki Indianlar arisida "Qushlar ussuli" (" Pow-Pow usuli") paaliyiti élip bérilidighan bolup, Herqaysi jaylardin kelgen Indianlar bu shitatqa yighilip ussul musabiqisi ötküzidu, adette bu paaliyet birer hepte dawamlishidiken, men bu ussulning muzika ritimini anglighinimda köz aldimgha bizning Turpanning "Nazirkom ussuli" bilen Qumulning "Toxo ussuli "keldi. Ularning ussul oynighan chaghdiki yasinishi, qiyapiti xuddi "Qizil xoraz"ni eslitetti... Elwette, Qumul rayonida "Toxu ussulini oynighan chaghda kishiler hélimu xorazgha oxshaydighan niqaplarni taqishidu, emma Indianlarda bu ussulni oynighan chaghdiki niqapliri beeyni "Bazghip turghan Xoraz"ning özi déyishke bolatti. Filimni körüp bolghandin kéyin ulargha bolghan qiziqishim téximu kücheydi, shu haman özüm izdiniwatqan "Uyghurlarning Niqabliq ussulliri" ésimge keldi, men Turpanning "Nazirkom ussuli", Qumulning "Toxu ussuli" we Ili déhqanliri arisida hélimu toy-tökün meshreplerde oynilip kélidighan"Jeren ussuli" "Ghaz oyuni" "Töge oyuni""Bürgem lepiri"...qatarliqlardda ipadilen'gen "Tebiet etiqadchiliqi" ésimge keldi..." Bularning esli menbesini sélishturushqa ortaqlashturushqa bolamdu-qandaq?" bu soal kallamgha kiriwaldi we bu heqte izdinishke bashlidim... Belkim, bu heqtiki izdinishimni kéyinrek wetende chiqidighan örp-adetke dair jornallarda élan qilishim mumkin. Uyghurlardiki kündilik turmushta ipadilinip turidighan quyashni we ayni ulughlash; yultuzlargha qarap pal échish; Muqedes taghlargha choqunush; Yada tash eqidisi; Zor derexlerni muqeddes bilish; suni pakliqning nishani qilish; Tupraqni ulaghlash; Tuzni muqeddes bilish, nanni ulughlash; Erwahlar rohigha atap "yagh puritish"... qatarliq étiqad adetlirini "Indianlargha oxshitish " mumkinmu qandaq ?!

Amerika Indianliri Teqdiridin Oylighanlirim (8 )

Hésabsiz soallar méni Indianlar heqqide izdinishke, ular bilen Uyghurlarning turmush adetliri otturisidin melum baghlinishlarni tépip chiqishqa ündeytti. Men oqup tügetken kitabni qayta qolumgha aldim, aptorning bayanidin burun sitat süpitide bérilgen "Yawropa Köchmenliri"ning "YerlikMilletler"ni qirghin qilghan, basturghan waqti heqqidiki bayanlarni qayta oqushqa bashlidim. Oqughanséri, ularning eyni chaghda duch kelgen qismetlirimening shunche hisdashliqimni qozghaytti, aptorning köz-yashliri bedilige pütken her bir jümlisi yürek tarimni chéketti, her bir bayani méni öz yurtumgha élip kétetti, millitim béshidin ötküzgen tarix sehipiliri köz aldimda gewdilinetti. "Uyghurlarni bügünki haletke qaldurghan nerse zadi néme?" "Uyghurlar néme üchün dunya xelqi bilen teng qedemde mangalmaywatidu?" "Uyghurlarnéme üchün pen-téxnikida dunyada yétekchilik orun'gha ötelmidi?" " Eyni yilliri da yétekchi orunda turghan Uyghurlar néme üchün hazirqi weziyette shu qeder passip haletke chüshüp qaldi?" "Uyghurlar eqliy jehette bashqilardin töwenmu?" "Uyghurlar muteessipmu? " "Uyghurlarda izdinish rohi kemchilmu?" "Uyghurlarda yéngiliqni qobul qilish xahishi rastinla ajizmu?" "Qosh tilliq maarip oqutushi Uyghurlarni yéngiche tereqiyat yönülüshige bashlap kirelemdu?..." Nurghunlighan tegsiz soallar méni lerzige salatti... Amérika qit'esige Yawropa köchmenliri kélishtin ilgiri yerlik xelqler ormanlar qaplan'ghan bu zéminda "Orman Ilahi", "Tagh muekkili" "Su ilahi"... qatarliqlarning panahida, "Shaman"larning ilahi naxshilirigha jör bolup, eshu tügimes bayliqlarni ata qilghan bu munbet zéminda xatirjem yashighan idi... Bu xil xatirjem, bayashat turmush, ularni ghemsiz, öz nésiwisige shükri qilidighan qanaetchan, horun, hetta hoshyarliqini yoqatqan eshundaq bir haletke keltürüp qoyghan, shunga ular Kolombu bu quruqluqqa yétip kelginide uni eziz méhmini süpitide qarshi alghan, u we uning dostlirini eng shirin taamlar bilen, cheksiz hörmet we iptixar ichide méhman qilghan, ular élip kelgen ajayibatlar ularning eqlini lal qilghan, ularni öz tengriliri ewetken "Muqeddes Kishiler" dep béshida kötürgen... Nihayet, yillar ötüp Kolumbuning dostliri uning izini bésip bu zémin'gha köplep kélishke bashlighan,yerlik kishiler yenila shu qeder méhmandostluqi bilen ularni qarshi alghan, ulargha panahliq jay bergen, ulargha ajayip semimiy dostluq muhebbetlirini yetküzgen!! Lékin, bu "Köchmenler" axirqi hésapta ularni ümidsizlendürüshke bashlighan, hetta axiri ular muqeddes bilgen nersilerni weyran qilishqa bashlighan... hetta ularni bu zémindin köchüshke, chöllerge kétishke mejburlighan! Aptor bu heqtiki bayanini shundaq yazidu: "Rehmet sizlerning bu zémingha qedem basqiningizlargha, bizge hem yéngi makan tépip bergininglargha alemche teshekkür! Emma, biz yéngi makan, yéngi zémin'gha muhtaj emesmiz!! ("We thank you coming here to talkto us in a way......We want this place and not any other....") " Biz üchün bashqa héchqandaq jay yoqtur, biz séning bizge bashqa zémin bérishingge muhtaj emesmiz" ("There is no other place for us. We do not want you to buy any other place.") Shundaq, lékin ular axir yenila öz zéminliridin, munbet yerliridin, ormanliridin, muqeddes taghliridin, ana deryadin ayrilip qalghan, ularning "orman ilahi" "thagh muekkili" "ana derya" ormanliqtiki "ejdatliar rohi" ularni qoghdap qalalmighan... Amérikining shu chaghdiki yerlik hökümiti, prézidénti ularni "tinchliq shertnamisi"ge qol qoyushqa mejburlighan, 1833- yili "Amérika hökümiti" bilen "Yerlik Qebililer ittipaqi"otturisida kélishim imzalinip, ular mejburiy halda gherpke yenimu gherpke köchüshke mejbur bolghan, emma eyni chaghda yerlik xelqler buninggha bolghan qattiq naraziliqini ipadiligen. "Let the Government be glad and proud. It can kill us.We do not fight. We do what it says. If we cannot live here, we want to go into the mountains and die. We do not want any other home."... Elwette, Amérika hökümiti, Yawropa köchmenlirining kéyinki ewladliri __ bügünki "Amérika xelqi" Indianlardin kechürüm soridi, ulargha özlirining eshu yolsizliqliri, hem qirghiliqliri üchün namaqul bolushti! Lékin erzimdu?! Bu qebililer, Amérikining esli xojayinliri, dunya medeniyitining yene bir qismini yaratqan, tilsimliq dunyasi ichide özgiche étiqat, medeniyet chembirikini qurghan yer sharining yene bir yérimning xojayinliri bolghan 100 din artuq qebile, 100 din artuq til, özgiche étiqat, özgiche ang, özgiche medeniyet qatlimi mushundaq weyran boldi! Bu dunya xezinisi üchün zor bir öksüs, insaniyet medeniyitidiki zor bir yoqitish idi! Dunya elliri buni chüshinip yetkinide, alem sirliri heqqidiki tetqiqatini chongqurlashturghinida, özlirining esli medeniyetini , yiltizini izliginide, bu xil esli medeniyet yiltizini qézip chiqishqa muhtaj bolghinida, bu medeniyet pütünley weyran bolghan, hetta yoqalghan idi.... Mana bu menggü toldurup bolghili bolmas bir boshluqtur. Shundaq, Indianlar dunyaning yene bir medeniyet alimide özige xas medeniyet chembirikini qurghan, özige xas étiqadqa ige bolghan bu insanlar topi mana mushundaq pajielik halda özining bu medeniyet dunyasidiki millet bolup mewjut bolup turush nésiwisidin mushundaq ayrilip qaldi! Elwette bu xil yoqitish peqet ulargha nisbetenla yoqilish teqdiri bolup qalmastin, belki Amérika qit'esining yéngi xojayinliri "Yawropa Köchmenliri" üchünmu bir zor yoqitish bolup qalghan idi. Dunya medeniyiti rengga-reng medeniyet idi, dunyadiki étiqad özining köp xilliqi, özgichiliki, xasliqi, sirliqliqi... bilen tilsimlargha tolghan bu medeniyet alimimizde julalinip turatti; Insaniyet özining eshu xil bir-birige oxshimighan medeniyet, étiqad, til, psixika... we yene qandaqtur xisletliri bilen möjizatlar dunyasida julalinip turatti... Epsus, epsus... insaniyet bu hikmetni chüshinip yetkinide, Amérikining yéngi xojayinliri bu zéminda Indianlarning eshu "yerlik kishiler" __ bu zéminning esli xojayinlirining bolmisa bolmaydighanliqini chüshinip yetkinide, öz xataliqlirini tonughinida, öz qilmishliri üchün ökün'ginide bolsa, bu zéminning esli igiliri qutquzup bolghili bolmaydighan derijide shu qeder xarablashqan, shu qeder chüshkünleshken idiki, ular emdi özlirining kimlikini, özlirining bu zémindiki hoquqliri hem mejburiyetlirini alliqachan untup ketken, esli zatini bilmes bolghan, étiqadini yoqatqan, telwileshken, ümidsizleshken haletke yetken idi! Eyni dewrde bu zéminda ular yaratqan tilsimliq medeniyet tilsim boyiche qélip qaldi. Mana emdi ular yasighan büyük imaretler __ El-éhramlar, qesirler; Insaniyetning hazirqi medeniyet alimide téxi wujutqa chiqmighan, alem sirliri mujessemlen'gen sirliq resimler, heykeller; ularning özige xas étiqadi we bu étiqadning menbesi; ular yaratqan shanliq medeniyet tarixi... Özining kimliki, özining eslini izdewatqan bügünki medeniyet alimidiki kishiler üchün menggü échilmas sir bolup qalghan idi! Chünki "Yawropa köchmenliri" eyni chaghda köz aldidiki eshu paydisi üchün, bu zémin üchn, özining toymas nepsi üchün ularni rehimsizlerche dehshetlik qirghin qilghan, Missisipi we Amazon deryalirigha ularning qéni sel bolup qoshulghan, Rokky taghliri arisida ularning échinishliq eks sadaliri qalghan; Michigan köli boyida ularning tügimes naliliri béliqlarning hisdashliqini qozghighan; ularning muqeddes ilahliri "Orman ilahi" "Tagh muekkili" "ejdatlar roh" liri ularning nalilirige chidimastin ah urghan idi.... emma "orman ilahi"ularni qutquzup qalalmidi, "Tagh muekkili" ulargha yardem bérelmidi; Missisipi deryasi ularning qanlirida tolghinip aqti... Shundaq, esli ularning hemme némisi bar idi, ular bayashat idi, ular shad-xoram bextlik idi, ular héchnémige muhtaj emes idi, ular ghemsiz idi; ular héchkimgimu yalwurmayti, mushu zéminda "orman Ilahi"ning panahliqida "ejdatlar rohi"ning medet bérishi we hemrahliqida erkin yashaymiz dep oylishatti... Mana bu halet ularni ghemsiz qilip qoyghan, rahet-paraghet ularni horun qilip qoyghan, esirler boyi dawamlashqan tinch hayat ularning hoshyarliqini yoqatqan; Insaniyet medeniyet alimidin yiraq bir qutupta yashawatqan bu aqköngül, méhmandost kishiler shunchilik bixutlashqanki, özlirige xewpning yéqinlap kéliwatqinini esla sezmigen, uyqu ichide shirin chüshlirini körüp bixiraman yashighan! Aqiwet, aqiwet ular hemmidin ayrilip qaldi! Qisqighina 200 yil ichide ular medeniyet alimidin yitip ketti! Ularning barliqigha ige bolghan achköz qérindashliri bu zéminning "yéngi xojayinliri" öz xataliqliri üchün ulardin yénishlap kechürüm sorighinida, ularni bu medeniyet alimige chillighinida ularning rohi "Rokky taghliri" arisida ejdadlirigha hemrah bolghili ketken idi; Ularning qépqalghan ewladliri shunchilik chüshkünleshken, xaraplashqan idiki, ularni chaqirsimu angliyalmighudek, yölisimu ornidin dest turalmighudek halette qalghan idi! Indianlarning qan-yashliq tarixini bilginimdin kéyin, shu heqiqetni chüshinip yettim. Hayat rehimsiz, u riqabetke tolghan bolidu. Yaratqan igemmu "Yaritish mendin, yarilish özüngdin!" dégen iken, tebiet séxiyliq bilen kishilerge alemche bayliqlarni ata qilghan halettimu, kishiler uni qedirlimise, uni qandaq qoghdashni bilmise, öz nésiwisige shükri qilish bilenla ötse, haman bir küni bashqilar uni sizning qolingizdin tartip kétidu... Bu dunya riqabetke tolghan dunya, u sizdin izdinishni, özingizni bilishni, özgilerni hem chüshinishni, jahan hikmetliri heqqide izdinishni, medeniyet alimi bilen teng qedem tashlishingizni telep qilidu; Bu dunya özgermes duinya emes! U özgirip turidu, yéngilinip turidu. Uning igiliri insaniyet özining tirishchanliqi bilen uni özgertidu, yéngilaydu... Emma gep shu yerdiki, kimning eqlini baldurraq ishqa sélishida, bu beygide kimning ozup chiqishida, xalas!